ئامېرىكادا سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەسىر كۆرسەتكەن «ئىدا» ناملىق بوران – چاپقۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان قارا يامغۇر ۋە سۇ ئاپىتى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 45 ئادەم قازا قىلدى.

1701767
ئامېرىكادا سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى لۇئىسئانا ئىشتاتىدىن كېيىن، شەرقىي شىمالىي رايونلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن «ئىدا» ناملىق بوران – چاپقۇن، نىيۇ يورك، نىيۇ جېرسىي، پېنسىلۋانىيە، مارىلاند ۋە كوننېكتىكات ئىشتاتلىرىدا قاتتىق يامغۇرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

سۇ ئاپەتلىرىدە نىيۇ يوركتا 13،  نىيۇ جېرسىيدا 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پېنسىلۋانىيە، مارىلاند ۋە كوننېكتىكات ئىشتاتلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار بىلەن قوشۇلۇپ، سۇ ئاپەتلىرىدە ھازىرغىچە كەم دېگەندە 45 ئادەم قازا قىلدى.

نىيۇ جېرسىي ۋالىيسى فىل مۇرفى، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاپتوموبىللىرى بىلەن سەلگە دۇچ كەلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۇ ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر