گانادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە 12 ئادەم قازا قىلدى
گانانىڭ شەرقىي شىمالىدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 12 ئادەم قازا قىلدى.
1701774
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ شىمالىي رايونلۇق شۆبىسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كۋاكۇ ئەلھەسساننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە نالېرىگۇ رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 12 كىشى قازا قىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەن، رايوندا تەخمىنەن 1800 كىشى ئۆي – ماكانسىز قالغان، 2 مىڭ دۆنۈملۈك تېرىلغۈ يەر زىيانغا ئۇچرىغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.