«ئامېرىكا – ئۇكرائىنا ھەمراھلىقى مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئامېرىكا – ئۇكرائىنا ھەمراھلىقىنىڭ مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئاقسارايدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا، ئۇكرائىنا مۇستەقىللىقىنىڭ 30 – يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا – ئۇكرائىنا ھەمراھلىقىنىڭ مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە باشتىن - ئاخىر ھۆرمەت قىلىدۇ.»
ئۇ يەنە، زېلېنىسكى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا، ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە بىر گەۋدىلىشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغۇسى دېموكراتىك ئىسلاھاتلار، ھەمدە 60 مىليون دوللارلىق يېڭى بىخەتەرلىك پىلان - لايىھەسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.