ئىسرائىلىيە 1 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلىپ، 3 پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا 1 پەلەستىنلىك شېھىت بولۇپ، 3 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

1700591
ئىسرائىلىيە 1 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلىپ، 3 پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە چېگراسىدا 15 يىلدىن بۇيان يولغا قويغان قامال قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارغا ھەقىقىي ئوق ئېتىپ، مۇداخىلە قىلدى ۋە ئۈچ پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەل-بۇرەيج لاگېرىنىڭ شەرقىي چېگراسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسىمۇ ئىشلەتتى.

ئىسرائىلىيە مايدا قىلغان ھۇجۇمىدىن بۇيان غەززەگە تاۋارلارنىڭ كىرىشىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چەكلىگەن ئىدى. بۇ ئىش غەززەدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، بىر پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر