ئامېرىكا ئافغانىستاندىن 116 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان

ئامېرىكا 2021-يىلى 14-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئافغانىستاندىن 116 مىڭ 700 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇردى.

1699766
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن 116 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ئافغانىستاندىكى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كابۇلدىكى ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن تەخمىنەن 1 مىڭ 250 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى. يەنى، يېقىنقى 24 سائەتتە 26 قېتىم ھەربىي ئايروپىلان سەپىرى بىلەن 1 مىڭ 200 كىشى، ئىككى بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلان سەپىرى بىلەن 500 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان.

بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكانىڭ تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلانغان 14-ئاۋغۇستتىن بۈگۈنگىچە تارقاقلاشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ سانى 116 مىڭ 700 گە چىقتى. ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان تارقاقلاشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ سانى 122 مىڭ 300 گە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر