خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى

خىتاي بايراقلىق ئىككى دېڭىز مۇھاپىزەت پاراخوتى شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىلىق سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسسۈپ كىردى.

1699117
خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن خىتاي پاراخوتلىرى رايوندىن ئايرىلدى.

ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسى ناخا ناھىيىسىىگە تەۋە 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان.

خىتاي پاراخوتلىرى تالاش-تارتىشتلىق سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلىشىپ، ياپونىيەلىك بېلىقچىلارنىڭ كېمىلىرىنى بىئارام قىلغان.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى رايوندىن ئايرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جىددى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن خىتاي پاراخوتلىرى رايوندىن ئايرىلغان.

شەرقىي دېڭىزىدا، ياپونىيە «سېنكاكۇ»  ۋە خىتاي «دياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئارىلى 5 ئارال ۋە 3 قىيالىقتىن تەركىب تاپىدۇ.

ھېچكىىشى ياشىمايدىغان بۇ تاقىم ئارىلى ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تاللاش تارتىشلىرىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر