خىتايدا كۆپ قەۋەتلىك بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى دالىيەن شەھىرىدىكى كۆپ قەۋەتلىك بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1698790
خىتايدا كۆپ قەۋەتلىك بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بىنا بوش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا كەم دېگەندە 30 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە 100 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئەۋەتىلگەن، بىنانىڭ توك ۋە گاز لىنىيەلىرى ئۈزۈۋېتىللگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر