كابۇل ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا ئادەم بومبا پارتلىدى

بۈگۈن (2021-يىلى 26-ئاۋغۇست) ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى جايلاشقان رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 13 كە چىقتى.

1698022
كابۇل ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا ئادەم بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى كابۇلدىكى پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 13 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق، ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 25 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 90 غا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (Associated Press) نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ، «تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقلىرى» نى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكالىق يەنە بىر مەسئۇل خادىم، «بىرىنچى قول دوكلاتلاردا، ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكى» نى قەيت قىلدى.

كابۇلدا بۇ جەرياندا يەنە، يېڭى پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ پارتلاشتىن كېيىن، ئالاھىدە ئەھۋالدا يىغىلىدىغان ئىشخانىغا (Situation Room) كەلگەنلىكىنى ۋە شۇ يەر ۋاقتى 11:30 دا ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى پىرېزىدېنت بايدىننىڭ رەپىقىسى جىل بايدىن (Jill Biden) نىڭ 1-سېنتەبىر (2021) قىلىدىغان بىر قېتىملىق ساياھىتىنىڭمۇ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر