ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالجىرىيە بىلەن ماراكەشكە چاقىرىق ئېلان قىلدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالجىرىيە ۋە ماراكەشنى ئۆز ئارا كېلىپ چىقىشى ئىھتىمالى بولغان پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىشتا «دىئالوگ تىلى» قوللىنىشقا چاقىردى.

1697132
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالجىرىيە بىلەن ماراكەشكە چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئالجىرىيەنىڭ ماراكەش بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرى ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق پرىنسىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تارىخ ۋە ئورتاق مەنپەئەت بىر يەرگە جەم قىلغان ماراكەش ۋە ئالجىرىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى ئىكەنلىكى ۋە ئورتاق ئىسلامىي خىزمەتلەردە ئىككى ئۈنۈملۈك دۆلەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە، ماراكەش ۋە ئالجىرىيەدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن بولغان پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىشتا دىيالوگ تىلىنى قوللىنىشقا چاقىردى.

ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامتان لامامرا تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىنقى مەزگىللەردە كۆرۈلگەن دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە دۆلىتىنىڭ ماراكەش بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

 

ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بولسا، ئالجىرىيە چىقارغان بىر تەرەپلىمە قارارنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ قوبۇل قىلارلىقى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر