چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئافغانىستانلىقلار چېگرادىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرماقتا

تالىبان ئافغانىستاندا كونتروللۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، چېگرا ئېغىزلىرىغا توپلانغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ، پاكىستان چېگراسىدىكى كۈتۈشى داۋاملاشماقتا.

1697120
چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئافغانىستانلىقلار چېگرادىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرماقتا
afganistan-pakistan siniri bayrak.jpg
afganlar pakistan siniri1.jpg
afganlar pakistan siniri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم چېگرا ئېغىزلىرىدىن بىرى بولغان تارخامدا، داۋالىنىش ئۈچۈن پاكىستانغا بارماقچى بولغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر ھەر كۈنى تەخمىنەن 1500 دىن ئارتۇق ئافغانىستانلىقنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىۋاتقانلىقىنى، تەخمىنەن 250-200 ئافغانىستانلىقنىڭ پاكىستانغا داۋالىنىش ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چېگرانىڭ ئافغانىستان تەرىپىدە، بەزى ئافغانىستانلىقلار پاكىستانغا بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈتۈپ تۇرماقتا.

پاكىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئافغانىستانلىق پاناھلىنىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت يېڭى مۇساپىرلار دولقۇنىغا قارشى چېگرا ئېغىزىنى تاقىغان ۋە يەنە مۇساپىر قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

تالىباننىڭ ئافغانىستاندا پەنجشىر ۋىلايىتىدىن باشقا جايلارنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشى، چېگرا ئېغىزلىرىغىمۇ تەسىر قىلدى. چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئافغانىستان بايرىقىنىڭ ئورنىغا، تالىبان بايراقلىرى ئالماشتۇرۇلدى. چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تالىبان ساقلاشقا باشلىدى.

رايون خەلقى تالىباننىڭ 16-ئاۋغۇست (2021) چېگرا ئېغىزىدىكى بايراقلارنى ئالماشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.

15-ئاۋغۇست كابۇلنى قورشاۋغا ئالغان تالىبان، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ كابۇلدىن ئايرىلىشى بىلەن شەھەرنى ئوق چىقارماستىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر