ئامېرىكا ئافغانىستاندىن 14-ئاۋغۇستتىن بۇيان 37 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 14-ئاۋغۇستتىن بۇيان ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرغانلار سانىنىڭ 37 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1695950
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن 14-ئاۋغۇستتىن بۇيان 37 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ يازما باياناتىغا  ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كابۇلنىڭ ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودورۇمىدىن 10 مىڭ 400 كىشىنى يۆتكەپ كەلگەن.

جەمئىي 28 ھەربىي ئايروپىلان بىلەن توشۇلغان كىشىلەر بىلەن بىرگە ئامېرىكانىڭ تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى باشلانغان 14 – ئاۋغۇستتىن بۈگۈنگىچە ئافغانىستاندىن ئامېرىكاغا يۆتكىگەن كىشىلەرنىڭ سانى 37 مىڭدىن ئاشقان.

يەنە بىر تەرەپتىن  ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 61 ئايروپىلاننىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە تەخمىنەن 5900  كىشىنى ئافغانىستاندىن يۆتكىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر