نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ بېنۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 17 ئادەم قازا قىلدى.

1694371
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بېنۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاگاتۇ ۋە كاستىنا-ئالا رايونىدا كىملىكى تېخى ئېنىقلىنالمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى قوراللىق كىشىلەرنىڭ موتوسىكلىتلىق ھۇجۇملىرى كۆپىيىپ قالغاندىن كېيىن، بەزى ئۆلكىلەردە موتوسىكلىت مىنىشنى چەكلىگەنىدى.

بېنۇئې ئۆلكىسى،  پات - پاتلا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فۇلانى قەبىلىسى بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەر پەيدا قىلغان شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇپ تۇرىدۇ.

ئۆلكىدە ئاخىرقى قېتىم 3 – مايدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر