غېنى:  قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەتنى تەرك ئەتتىم

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلىتىنى تەرك ئەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1693919
غېنى:  قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەتنى تەرك ئەتتىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غېنى، تالىبان كۈچلىرى 15 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى كابۇلغا كىرىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت دۆلەتنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن، سابىق مىنىستىرلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنغانىدى.

تۈنۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن غېنى، ئافغانىستاندىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، ئافغانىستاندىن قان تۆكۈلۈشنىڭ ۋە چوڭ پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا يېنىدا كۆپ مىقداردا پۇل بارلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر