مېركېل: ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر تولىمۇ ئېچىنىشلىق

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1692317
مېركېل: ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر تولىمۇ ئېچىنىشلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مېركېل، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئاچچىق – ساۋاقلارنى يەكۈنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، كابۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ جىددىيلىكىنى، تالىباننىڭ پۈتكۈل دۆلەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئۆزگىرىشتۇر.»

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇدا 20 يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان  مېركېل، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى، تىرىشچانلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستاندىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى كۆچمەنلىك دولقۇنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز، بىزگە بىۋاسىتە ياردەم بەرگەنلەرنىڭ ئافغانىستاندىن سىرتقا چىقىلىشىدۇر، لېكىن ھازىر كابۇلدا ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىدى، كۆپلىگەن ئىنسانلار ھازىرقى ئەھۋالدىن قورقماقتا، ئافغانىستانلىقلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەردە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قارايمىز، 2015 – يىلقى خاتالىقنى تەكرارلاشنى خالىمايمىز،  بۇنداق ئەھۋاللاردا قوشنا دۆلەتلەرگە ياردەم ۋە قوللاش تەكلىپى سۇنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر