ئامېرىكا كۇبا دائىرىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاكىمىيىتى كۇبادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا قاتناشقانلارغا زوراۋانلىق قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك كۇبا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى بىلەن بىر ھەربىي قىسىمنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 11-ئىيۇل كۈنى كۇبادا باشلانغان تىنچ، دېموكراتىيەنى قوللايدىغان نامايىشلارنى باستۇرغانلىقى ئۈچۈن، كۇبا ئەمەلدارلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىدىكەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، چەت ئەللىكلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى قوغداش ئىشخانىسى (OFAC)، كۇبا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى رومارىكو ۋىدال سوتومايور گارسىيا ۋە پېدرو ئورلاندو مارتىنېز فېرناندېز بىلەن كۇبا ئىنقىلابىي قوراللىق قىسىم مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق «Tropas de Prevencion» ناملىق ھەربىي قىسىمنىڭ، «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مولدوۋا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مولدوۋا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.