نيۇ-يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇومو ئىستىپا بېرىش قارارىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكادا نيۇ-يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇومو ئۆزىگە قارىتىلغان جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1689127
نيۇ-يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇومو ئىستىپا بېرىش قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاندرېۋ كۇومو جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن ئۇنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان ئاۋازلار يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئىستىپا قارارىنى ئېلان قىلدى.

كۇومو مەسىلىنىڭ ئايلارچە داۋاملىشىدىغان رەسمىي ئەيىبلەش خىزمەتلىرى جەريانىدا قىممەتلىك ۋاقىت ۋە پۇلنىڭ ئىسراپ بولىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىنىڭ ئاقسىماي داۋاملىشىشىنىڭ ھايات – ماماتلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئېنېرگىيەلەرنىڭ ئۇپرىشىغا قاراپ تۇرماي بالدۇرراق ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كۇومو ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەردىن ئۆزىنى ئاقلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ، نيۇ-يورك باش مۇپەتتىشى لېتىتىيا جامىسنىڭ دوكلاتىنى تەنقىدلەش بىلەن يىغىننى باشلىدى.

كۇومو دوكلاتتا ئېغىر خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، «مېنىڭ نامۇۋاپىق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىمنى ئىلگىرى شۈرۈش بىلەن جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق قىلغان دەپ يەكۈن چىقىرىش ئوخشىمايدىغان ئىككى ئايرىم ئىش» دېدى.

كۇومو بۇ سۆزلىرنىڭ ھەگىزمۇ ئۇنىڭ 11 ئايالنى چوڭقۇر ئازابلىغانلىقىنى رەت قىلىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر ئاياللاردىن كەچۈرۈم سورىدى.

كۇومو قىلغان ھەرىكىتى ئۈچۈن بارلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى، كىشىلەرگە بەك يېقىن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ھەتتا قۇچاقلىشىپ سۆيۈشىشتىنمۇ چېكىنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆز قارىشىمچە، ھېچكىشىگە چەكتىن ئاشقان مۇئامىلە قىلمىدىم، ئەمما چەك -چېگرانىڭ قەيەردە ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلەلمىدىم. بۇ جەھەتتە مەدەنىيەت ۋە ئەۋلاد پەرقىنى ئويلىشىشىم كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم» دېدى.

كۇومو ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن بوش قالغان ئورۇنغا 2014 - يىلدىن بۇيان مۇئاۋىن ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان كەيتى خوچۇل خانىم ئولتۇرىدىغان بولدى.

كەيتى خوچۇل نيۇ-يوركنىڭ تۇنجى ئايال ۋالىيسى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر