خىتاينىڭ گۇمانلىق ئەپى «TikTok» نى چۈشۈرۈش نىسبىتى ئاشماقتا

خىتاينىڭ جاسۇس ئەپى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «TikTok» نى چۈشۈرۈش نىسبىتى ئاشماقتا

1689445
خىتاينىڭ گۇمانلىق ئەپى «TikTok» نى چۈشۈرۈش نىسبىتى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ «TikTok» ئەپى  2020 - يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن ئەپ بولدى.

«BBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىگىتال ئانالىز شىركىتى «App Annie» خىتاينىڭ سىن ھەمبەھىرلەش پروگراممىسى TikTok نىڭ 2020-يىلى ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن پروگراممىغا ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، «Facebook Messenger» دىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«TikTok»نىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن 5 پروگرامما قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ۋە فېسبۇك ئىگە بولالمىغان مۇنبەر ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن 5 ئەپنىڭ ئىچىدە «WhatsApp »، «Instagram» ۋە «Facebook Messenger» قاتارلىقلار بار.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2020 - يىلى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكادا «TikTok» نى قاچىلاشنى چەكلىگەن ئىدى.

دونالد ترامپ «TikTok» نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇ ئەپ ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغۇرلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

«TikTok» شىركىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تىرامپنىڭ بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ: #جاسۇس , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر