ئاۋىستىرالىيەدە بىر تىمساق ئىككى ئەسكەرنى يارىلاندۇردى

ئاۋىستىرالىيەنىڭ كەپ يورك يېرىم ئارىلىدا، سۇغا چۈشكەن ئىككى ئەسكەرنى بىر تىمساق يارىلاندۇردى.

1688000
ئاۋىستىرالىيەدە بىر تىمساق ئىككى ئەسكەرنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرالىيە ئارمىيەسىدىن ئىككى ئەسكەر كايرنىسنىڭ شىمالىدىن 800 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى كەپ يورك يېرىم ئارىلىدا سۇ ئۈزمەكچى بولدى.

بۇ جەرياندا ئەسكەرلەردىن بىرسى تىمساقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، باش ۋە كۆكرەك قىسمى يارىلاندى.

ئاندىن ئىككىنچى ئەسكەر يارىلانغان خىزمەتدىشىغا ياردەم قىلماقچى بولۇپ سۇغا سەكرىدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئەسكەرمۇ تىمساقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، قولى ۋە بىلىكىدىن يارىلاندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر