ئەنگلىيەنىڭ كۋورىي ۋۇد سانائەت رايونى تاقالدى

ئەنگلىيەنىڭ كۋورىي ۋۇد سانائەت رايونى (Quarry Wood) نىڭ خىمىيەلىك ماددا چىقىپ كېتىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1682753
ئەنگلىيەنىڭ كۋورىي ۋۇد سانائەت رايونى تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ كۋورىي ۋۇد سانائەت رايونىدا خىمىيەلىك ماددا چىقىپ كېتىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن 15 كىشى يارىلاندى. خادىملار رايوننى تاقىدى ۋە خىمىيەلىك ماددا سىزىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

بۈگۈن (2021-يىلى 30-ئىيۇل) سەھەردە رايونغا يېتىپ بارغان شەرقىي جەنۇبى ساھىل سەھىيە مەسئۇللىرى: «يوشۇرۇن خەۋپكە ئىگە خىمىيەلىك ماددا سىزىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئەتىگەن (شۇ يەر ۋاقتى) 5:38 دە ئايلېسفوردتىكى كۋوررىي ۋۇد سانائەت رايونىغا چاقىرىلدۇق» دېدى.

مەسئۇللار يىنىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن 15 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى دائىرىلىرى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلىشىغا ياردەم قىلدى ۋە رايوننىڭ قاتنىشىنى توختاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر