تالىباننىڭ يېقىنقى ھۇجۇملىرىدا 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

ئافغانىستاندا يېقىنقى تۆت ئايدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرى قىلغان ھۇجۇملاردا 2 مىڭ 566 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1683065
تالىباننىڭ يېقىنقى ھۇجۇملىرىدا 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان تىنچلىق مىنىستىرلىقى زوراۋانلىقلارنى ئازايتىش ۋە كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سايەد ئابدۇللاھ ھاشىمى كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى تۆت ئايدا 22 مىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سايەد ئابدۇللاھ ھاشىمى بۇ مەزگىلدە قىلىنغان ھۇجۇملاردا 3 مىڭ 21 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 2 مىڭ 566 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆلۈملەرنىڭ تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئادەم بومبا، راكېتامىيوت ھۇجۇملىرى، توقۇنۇش ۋە ھەر خىل سۈيىقەستلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تالىباننىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 621 مەكتەپنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە مىڭلارچە ئوقۇغۇچىنىڭ مائارىپتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، تالىباننىڭ ھۇجۇملىرىغا دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ۋە قايتۇرما ھۇجۇملاردا مىڭلارچە تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن مىڭلارچە ئائىلىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تالىبان قوراللىق كۈچلىرى كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا خەلقنى ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارغا زۇلۇم سالماقتا» دېدى.

ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىز تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇش داۋاملاشماقتا



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر