پېنتاگوننىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملىرىغا ۋاكسىنا ئەملىتىش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) بارلىق ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملاردىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملىتىشنى تەلەپ قىلدى.

1682942
پېنتاگوننىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملىرىغا ۋاكسىنا ئەملىتىش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مىنىستىرلىقنىڭ پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسنى يىڭىش ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پىرزىدېنتنىڭ يوليورۇقى بويىچە، مىنىستىرلىقنىڭ بارلىق ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملاردىن ۋاكسىنا ئەملىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن ياكى ۋاكسىنا ئەملىتىشنى خالىمىغان خادىملارنىڭ ماسكا تاقىشى، ئىجتىمائىي مۇساپە قائىدەسىگە دىققەت قىلىشى، پىلانلىق ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش تەلىپىگە بويسۇنۇشى ۋە رەسمىي ساياھەت چەكلىمىلىرى كاتېگورىيەسى ئىچىدە بولۇشى كېرەك بولىدۇ.»

پىرېزىدېنت جو بايدىن تۈنۈگۈن (2021-يىلى 29-ئىيۇل) يېقىنقى ھەپتىلەردە كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرگە قارشى ئېلان قىلغان ھەرىكەت پىلانىدا، مىليونلارچە فېدېراتسىيە خىزمەتچىلىرىگە، ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ماسكا تاقاش، ھەپتىلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇساپە قائىدەسىگە بويسۇنۇشنى مەجبۇرىي قىلغان ئىدى.

ئۇ ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغىمۇ چاقىرىق قىلىپ، ئارمىيە خىزمەتچىلىرىگە مەجبۇرىي ئەملىتىشى كېرەك بولغان ۋاكسىنالار تىزىملكىگە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر