ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك بالا ئۆلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىدا كۆكسىگە ئوق ئېتىپ ئېغىر يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1681977
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك بالا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەلخەلىل شەھىرىگە قاراشلىق بەيت ئۇممەر رايونىدا كۆكسىگە ئوق ئېتىپ ئېغىر يارىلاندۇرغان 12 ياشلىق مۇھەممەد ئەلئەللامىنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (ۋ افا) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىنلىك پائالىيەتچى مۇھەممەد ئاۋاد، بەيت ئۇممەر رايونىدا ھېچقانداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرمىگەن بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قەستەن يولدىن ئۆتكەن بىر ئاپتوموبىلنى ئوققا تۇتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاپتوموبىلدا دادىسى بىلەن بىللە بولغان 12 ياشلىق مۇھەممەد ئەلئەللامى ئىسىملىك بالىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر