ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېقىن جاي راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1682089
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېقىن جاي راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاراتقۇلىرى، باغدادنىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان يېشىل رايونىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېقىن جاي ئىككى راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللارنى تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى قەيت قىلىنغان خەۋەرلەردە، ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئىراق ھۆكۈمىتىمۇ ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ئورۇنلىرى پات – پاتلا ھەر خىل ھۇجۇملارنىڭ ئوبيېكتى بولماقتا؛ ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا ئىرانغا يېقىن شىئە قوراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر