ئالياسكادا 8.2 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالياسكا ئىشتاتىدا 8.2 بال يەر تەۋرىدى.

1682103
ئالياسكادا 8.2 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى، يەرنىڭ تەخمىنەن 47 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزىنىڭ پېررىۋىللېدىن 91 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەۋرەش كۈچىنى 8.2 بال دەپ ئېلان قىلغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلدى.

رايوندا ناھايىتى شىددەتلىك مەزكۇر يەر تەۋرەشتىن كېيىن 6.2 ۋە 5.6 بال قالدۇق يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر