ئەسەد قىسىملىرى دەرئا ئەلبەلەدكە ھۇجۇم قىلدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دەرئا ۋىلايەت مەركىزىدىكى 40 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ياشايدىغان دەرئا ئەلبەلەد مەھەللىسىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى.

1682242
ئەسەد قىسىملىرى دەرئا ئەلبەلەدكە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دەرئا ۋىلايەت مەركىزىدىكى 40 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ياشايدىغان دەرئا ئەلبەلەد مەھەللىسىگە 25 – ئىيۇندىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇھاسىرىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى دۈشەنبە كۈنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە قارىماي ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

دەرئالىق پائالىيەتچىلەر قۇرغان خوران ئەركىنلىرى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى ئەيمەن ئەبۇ نوقتا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق 4- ۋە 9- قۇرۇلۇش ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى دەرئا ئەلبەلەدنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەبۇ نۇقتا، ھاكىمىيەت قىسىملىرىنىڭ نەھلا، كاساد ۋە قۇببە قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىن مەھەللىگە باستۇرۇپ كىرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھاكىمىيەت قىسىملىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئەسكەرلىرىگە مىناميوت، تانكا ۋە زەمبىرەك ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ياردەم بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەبۇ نوقتا، رايون ئاھالىسى بىلەن سابىق ئۆكتىچىلەرنىڭ قوللىرىدىكى يېنىك تىپلىق قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، مەھەللىنىڭ بىردىنبىر ساغلاملىق مەركىزىنىڭمۇ ئارقا – ئارقىدىن قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار تۈپەيلى تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھاكىمىيەت كۈچلىرى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى، دەپ كىشىلەر ۋەھىمە ئىچىدە ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە باشلىدى، تۈنۈگۈندىن بېرى 600 ئائىلە كۆچۈپ كەتتى. بومباردىماندا نۇرغۇن پۇقرا يارىلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ دەرئا ئەلبەلەد مەھەللىسىگە قىلغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەبۇ نوقتا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2018 – يىلى ئىيۇلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دەرئاغا زەمبىرەك، راكېتا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر