تۇنىس تېلېۋىزىيەسىنىڭ باش مۇدىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىدنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ باش مۇدىرى لېساد داھىشنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1681975
تۇنىس تېلېۋىزىيەسىنىڭ باش مۇدىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىدا، قايىس سەئىدنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ باش مۇدىرى لېساد داھىشنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارى چىقارغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىدنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ باش مۇدىرى لېساد داھىشنىڭ ئورنىغا، ئاۋاتىف ئەددالىنى ۋاقىتلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

 تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد يەنە، دۆلەت پۇلىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ پۇللارنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە جەرىمانە قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ۋىدېئودا، قايىس سەئىدنىڭ كارتاجا سارىيىدا سانائەت ۋە سودا فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى سەمىر ماجۇل بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

قايىس سەئىد دۆلەتلىك پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنى ئېنىقلاش كومىتېتىنىڭ بىر دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 460 كىشىنىڭ دۆلەتنىڭ پۇلىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىنى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان پۇل مىقدارىنىڭ 13.5 مىليارد تۇنىس دىنارى (تەخمىنەن 4.8 مىليارد دوللار) ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قايىس سەئىد مۇرەسسەنى چاقىرىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ پۇلىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۇنىستا نېمە بولغان ئىدى؟

تۇنىستا 2021-يىلى 25-ئىيۇل ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە قارشى يۈزلەرچە كىشىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا نامايىشلار پارتلىغان ئىدى. نامايىشلاردا ناخدا پارتىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن پارتىيەلەرنىڭ مەركەزلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.

تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى توڭلاتقانلىقىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنىمۇ توڭلاتقانلىقىنى، مەۋجۇت باش مىنىستىر ھىشام ئەلمېشىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ۋە ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان باش مىنىستىر بىلەن ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

 ئۇ يەنە، ئۆزىنى باش تەپتىش ئېلان قىلىپ، سوت ساھەسىگىمۇ ئارىلاشقان ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، تۇنىس ئارمىيەسى پارلامېنتنىڭ باشلىقى ۋە ناخدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى راشىد ئەل گاننۇشى ھەمدە باشقا پارلامېنت ئەزالىرىنى پارلامېنتقا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان ئىدى.

راشىد ئەل گاننۇشى خەلقىنى پىرېزىدېنت قايىس سەئىدنىڭ قارارلىرىغا قارشى تىنچلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىپ، قانۇنىي ئاساسى بولمىغان مەزكۇر قەدەمنىڭ «ھەربىي ئۆزگىرىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى «ھەربىي ئۆزگىرىش» دېگەنلەردىن «قانۇن دەرسلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر