شىددەتلىك ھۆل - يېغىن باڭلادېشتىكى روھىڭيالىق مۇسۇلمانلارنى قيىىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

شىددەتلىك ھۆل – يېغىن باڭلادېشتا ياشاۋاتقان 12 مىڭدىن ئارتۇق روھىڭيالىق مۇساپىرغا تەسىر قىلدى.

1682245
شىددەتلىك ھۆل - يېغىن باڭلادېشتىكى روھىڭيالىق مۇسۇلمانلارنى قيىىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 800 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر تۇرۇۋاتقان چېدىر شەھەرلەردىكى 5000 دىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ شىددەتلىك ھۆل – يېغىن سەۋەبىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەخمىنەن 2500 پاناھلىنىش ئورنىنى تالاپەتكە ئۇچراتقان يامغۇرنىڭ 12 مىڭدىن ئارتۇق روھىڭيالىق مۇسۇلمان مۇساپىر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەم دېگەندە ئالتە روھىڭيالىق مۇسۇلمان يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، داۋاملىشىۋاتقان پەسىل يامغۇرلىرىنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمى تۈپەيلى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر