رۇسىيە – ئامېرىكا ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىق يىغىنى چاقىرىلدى

رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا شىۋېيتسارىينىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىق يىغىنى چاقىرىلدى.

1682215
رۇسىيە – ئامېرىكا ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىق يىغىنى چاقىرىلدى
Wendy Sherman-Sergei Ryabkov.jpg
rusya-abd bayrak.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى، يادرو قوراللىرىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشمەسلىكلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان. بۇ دائىرىدە،  ئىككى دۆلەت ھاسىل قىلغان كېلىشىملەرنىڭ داۋامى تەرىقىسىدە، ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىق مەسىلىسىدە رۇسىيە – ئامېرىكا دىيالوگىنىڭ يېڭى باسقۇچى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

رۇسىيە ھەيئىتىگە، رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ، ئامېرىكا ھەيئىتىگە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىق، قورال – ياراغلارنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ۋە خىرىسلارنىڭ ئازايتىلىشىغا قارىتا تەدبىرلەر مەسىلىلىرىگە قارىتا پوزىتسىيەلىرى مۇزاكىرىلەر قىلىنغان.

يىغىندىن كېيىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرىغا بايانات بەرگەن ريابكوۋ، يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن  ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قورال – ياراغلارنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ساھەسىدە كىرىزىس شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار. بۇ ئىنتايىن ئىجابىي بىر نۇقتىدۇر. يىغىنغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق ئورگانلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھەيئەت قاتناشتى. بىز مۇھىم مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىمىز بار دەپ يەكۈن چىقاردۇق. ئوخشاش كۆز قاراشتىكى مەسىلىلەرنىمۇ بايقىدۇق، بۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز.»

تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلغان ريابكوۋ، بۇ ساھەدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىق مەسىلىسىدىكى مۇزاكىرىلەرگە داخىل بولۇشقا تەييار ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ريابكوۋ، «بىراق كېيىنكى مۇزاكىرىلەردە ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ يادرو كۈچى مەسىلىلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى، بىزگە نىسبەتەن مۇھىم ئىشتۇر» دېگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يېڭى باسقۇچلۇق يىغىننىڭ سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ريابكوۋ، بۇ يىغىنغا تەييارلىق قىلىدىغانلىقلىرى ۋە داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر