نيۇيوركتا ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ھەر ھەپتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە 6 – سېنتەبىرگىچە ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يۇقۇم تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش شەرتى قويۇلدى.

1682130
نيۇيوركتا ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ھەر ھەپتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇمو بايانات ئېلان قىلىپ، ئىشتات مىقياسىدىكى تەخمىنەن 250 مىڭ ئىشچى – خىزمەتچىگە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملىنىشتىكى ئېشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ھەپتىلىك يۇقۇم تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش شەرتى قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن باشقا تاللىشىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن كۇمو، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەردىكىمۇ خىزمەتچىلىرىنى ۋە خېرىدارلىرىنى ۋاكسىنا ئەملىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈشكە چاقىردى.

نيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى بىل دې بلاسىئومۇ 26 – ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى 340 مىڭ خىزمەتچىدىن 13 سېنتەبىرگىچە ۋاكسىنا ئەملىتىشنى، ئەملەتمىگەنلەردىن ھەر ھەپتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر