دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى پەشمەر كۈچلىرىگە ياردەم بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى  كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق پەشمەرگە كۈچلىرىگە 2 – قېتىم ھەربىي ئاپتوموبىل ياردەم قىلدى.

1681946
دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى پەشمەر كۈچلىرىگە ياردەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرى، ئەربىلدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، پەشمەرگە مىنىستىرلىقىغا، «ھۇمۋې» تىپلىق بىرونىۋىك ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 59 ھەربىي ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇپ بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى  كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرى، پەشمەرگە مىنىستىرلىقىغا، 26 – ئىيۇل كۈنىمۇ 70 ئەتراپىدا  يېڭى ھەربىي ئاپتوموبىللارنى بەرگەنىدى. مۇراسىمدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئاپتوموبىللار ئارىسىدا، «ھۇمۋې» تىپلىق بىرونىۋىكلار، نېفىت ئاپتوموبىللىرى ۋە ھەربىي  يۈك ئاپتوموبىللارنىڭمۇ بارلىقى كۆرۈلگەنىدى.

مەزكۇر ياردەمنىڭ، ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمىنىڭ، «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەش ئۈچۈن ئامېرىكالىق ئەسكەرلەرنىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئېھتىياج قالمىغانلىقىنى» ئېيتىشىدىن كېيىن بېرىلىشى دىققەت قوزغىغانىدى.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر