ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىسىرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى

پادىشاھ 2-ئابدۇللاھ پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسىرائىلىيەنى قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت (Naftali Bennett) ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېنني گانتز (Benny Gantz) بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1680157
ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىسىرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پادىشاھلىق دىۋانى ئامېرىكانىڭ س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ پادىشاھ 2-ئابدۇللاھ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى.

پادىشاھ 2-ئابدۇللاھ نافتالى بېننېت رەھبەرلىكىدىكى ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ-ئاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە: «يېقىندا غەززەگە قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇھىم ئىدى. پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس بىلەن كۆرۈشتۈم. ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشۈممۇ مۇھىم ئىدى. چۈنكى 2014-يىلدىن تارتىپ توڭلىتىپ قويۇلغان پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە مۇزاكىرەلىرىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇشىمىز لازىم» دېدى.

ئۇ مەزكۇر كۆرۈشۈشلەردىن ئۈمىدلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆتكەنكى ھەپتىلەردە ئىسىرائىلىيە ۋە پەلەستىننىڭ بۇ توغرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرىدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بەرمەي تۇرۇپ، ھازىرقى ئەھۋالنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەرەبلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش پۇرسىتى توغرىسىدا گەپ قىلىشنىڭ، نۇرغۇن مەسىلىلىرى بولغان خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فېۋرال ئېيىدا (2021) ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گانتزنىڭ ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھ بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى 2014-يىلى ئاپرېلدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ «1967-يىلدىكى چېگرالارنى ۋە مەجبۇرىي كۆچۈشكە دۇچار بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىش ھوقۇقىنى، قانۇنسىز يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونى قۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى» قوبۇل قىلماسلىقى سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر