ئانگولا پىرېزىدېنتى 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئانگولا پىرېزىدېنتى 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇئانگولا پىرېزىدېنتى جوۋ مانۇئېل گونچالۋېس لورېنچو جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1680227
ئانگولا پىرېزىدېنتى 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ تۇنجى قېتىملىق زىيارەت جەيانىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە-ئانگولا مۇناسىۋەتلىرى بارلىق جەھەتلەردىن تولۇق كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

(نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى) OPEC ۋە پورتۇگالىيە تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئانگولا بىلەن ئايرىم – ئايرىم ۋە  ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئافرىقادىكى شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق تەرەققىياتلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

زىيارەت دائىرىسىدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر