خىتاي: ئامېرىكا مۇناسىۋەتلەرنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئايىغى چىقماس قاتمال ھالەتكە چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1680401
خىتاي: ئامېرىكا مۇناسىۋەتلەرنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شى فىڭ ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندي شېرمان (WendySherman) نىڭ تيەنجېن شەھىرىدىكى زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئايىغى چىقماس قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكادىن «ئىنتايىن خاتا بولغان قارىشىنى ۋە خەتەرلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش» نى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشقا ۋە باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشتىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ، بەزى ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاينى «خىيالىي دۈشمەن» دەپ تونۇشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردە ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئورتاق مەسىلىلەردە سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 24-ئىيۇل (2021) بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكانى ئەيىبلەپ، كۈچىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر