فىرانسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 850 گېكتارلىق رايون زىيانغا ئۇچرىدى

فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاۋدى ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە 850 گېكتارلىق رايون زىيانغا ئۇچرىدى.

1679730
فىرانسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 850 گېكتارلىق رايون زىيانغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋدىگە قاراشلىق موكىس شەھىرىگە يېقىن ئورمانلىق رايوندا باشلانغان ئوت ئاپىتى ئاستا-ئاستا ئەتراپقا كېڭەيدى.

ئوت ئاپىتىدە ھازىرغىچە 850 گېكتار رايون بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، خەتەر سەۋەبىدىن 120 كىشى ئۆيلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئوت ئاپىتىگە 900 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، 10 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار تاقابىل تۇرماقتا.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوت ئاپىتىگە مۇداخىلە قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر