ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىرلەشمە بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىنىڭ ھەرىر بازىرىغا يېقىن يەردىكى ئامېرىكا  باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىرلەشمە ھەربىي بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1679483
ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىرلەشمە بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەر قوامدانلىقى باياناتچىسى پولكوۋنىك ۋاين ماروتتو، تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 01 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار بازىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەدە ھېچقانداق ماددىي زىيان ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى پولكوۋنىك ۋاين ماروتتو، ھۇجۇمنىڭ ئەربىلنىڭ ھەرىر بازىرىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىشى مەسىلىسىنى تېما قىلغان «4- نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ»ى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە يۈز بېرىشى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر