ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا بوشلۇقىنىڭ ئامېرىكاغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «C-17» تىپلىق ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1679464
ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ قانۇنغا خىلاپ مەزكۇر قىلمىشىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، 7- ئاينىڭ 22- كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 20 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «C-17» تىپلىق ئېغىر تىپتىكى ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ: «زۇلىيا ئىشتاتىنىڭ سېررا دې پېرېجانىڭ غەربىي رايونى ھاۋا تەۋەلىدە تەخمىنەن 14 دېڭىز مىلى (26 كىلومېتىر ) كەڭلىكتە يول ئالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارشى سادىر قىلىنغان دۈشمەنلەرچە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغانلىقى بايان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونىڭ: «ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قارىتا ھوشيار تۇرۇپ، كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر