بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ خوڭكوڭ ئېمبارگوسىغا ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خوڭكوڭ ئىمبارگوسى (جازاسى)غا قارشى يەتتە ئامېرىكانىڭ پۇقراسى ۋە ئورگىنىغا جازا بېرىشنى قارار قىلدى.

1679473
بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ خوڭكوڭ ئېمبارگوسىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينى خوڭكوڭدا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن ھەپتە يەتتە نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى.

ۋاشىنگتوننىڭ بۇ قەدىمىدىن كېيىن بېيجىڭ يەتتە ئامېرىكا پۇقراسى ۋە ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى، 6- ئايدا ماقۇللانغان چەت ئەل جازالىرىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلغان بولدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى تىزىملىكىگە ئامېرىكانىڭ سابىق سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋىلبۇر روسمۇ كىرگۈزۈلدى.

بۇ قارارنىڭ ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرماننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى چىقىرىلىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر