ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى 23 – ئىيۇل باشلىنىپ 8 – ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىغان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەن تەقدىردە، ساغلاملىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلددۈردى.

1678699
ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيو ۋالىي مەھكىمىسىگە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى توغرۇلۇق مەسلىھەتچى بولغان مۇتەخەسسىسلەر، يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا ئازىيىش كۆرۈلمىگەن تەقدىردە، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا پايتەختنىڭ ساغلاملىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەنىڭ «‹NHK› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى ھەپتىلەردە توكيودىكى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئەھۋالىنى كۆزەتكەن مۇتەخەسسىسلەردىن توھو ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور دوكتور كازۇھىرو تاتېدا، پايتەخت توكيونىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ 4 – دولقۇنىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان، ھەمدە 22 – ئاۋغۇستقا قەدەر داۋاملىشىدىغان جىددىي ھالەت چەكلىمىسىنىڭ پىيادە يۈرگۈچىلەر ئېقىنىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئازايتالمقىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئوخشىغان چوڭ پائالىيەتلەر ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. بىز سىرتتا ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئاشۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر