ئاۋسترىيەدە 6 ئايدا 2000 نەپرەت جىنايىتى سادىر قىلىندى

ئاۋسترىيەدە 2020 – يىلى نويابىردىن 2021 – يىلى ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا 1936 نەپرەت جىنايىتى سادىر قىلىندى.

1678763
ئاۋسترىيەدە 6 ئايدا 2000 نەپرەت جىنايىتى سادىر قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان «نەپرەت جىنايەتلىرى» دوكلاتىغا قارىغاندا، نەپرەت جىنايىتى سادىر قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋسترىيەلىك ياشلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن.

ئەڭ كۆپ ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ، دۇنيا قارشى ۋە ئىرقى تۈپەيلى نەپرەت جىنايىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، مۇسۇلمانلارغا ۋە يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرى ۋە ناتسىستلار تەشۋىقاتلىرىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتتە 6 ئايلىق مەزگىلدە سادىر قىلىنغان نەپرەت جىنايەتلىرى خاتىرىلەنگەن دوكلات تېخى تاماملانمىغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ تاماملىنىشى بىلەن ئاۋسترىيەدىكى نەپرەت جىنايىتى ھادىسىلىرى تېخىمۇ ياخشى ئايدىڭلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر