ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە «شىمالىي ئېقىم 2» لايىھەسىدە پۈتۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن گېرمانىيە رۇسىيەدىن ياۋروپاغا سوزۇلىدىغان «شىمالىي ئېقىم 2» تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ تاماملىنىشىغا رۇخسەت قىلىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

1678666
ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە «شىمالىي ئېقىم 2» لايىھەسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن گېرمانىيە، رۇسىيەنىڭ «شىمالىي ئېقىم 2» تۇرۇبا لىنىيەسىنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش تەشەببۇسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەھدە قىلدى.

ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن گېرمانىيەنىڭ، ئېمبارگولار ۋە باشقا ۋاسىتىسىلەر ئارقىلىق بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، رۇسىيەنى تاجاۋۇزچىلىق ۋە يامان نىيەتلىك پائالىيەتلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىش ئىرادىسى قەتئىيدۇر.»

رۇسىيە ئېنېرگىيەنى بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلەتكەن، ياكى ئۇكرائىناغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ پائالىيەتتە بولۇشقا تەشەببۇس  قىلغان تەقدىردە، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت سەۋىيەسىدە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارىغا چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا مىقياسىدا كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن گېرمانىيەنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇشى ئۈچۈن 1 مىليارد دوللارلىق  لايىھەنى قوللاشنى ئەھدە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا،  گېرمانىيەنىڭ دەسلەپتە 175 مىليون دوللار ئىئانە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئومۇمىي چىقىمى 10 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقان «شىمالىي ئېقىم 2» لايىھەسى ئارقىلىق ھەر يىلى 55 مىليارد كۇب مېتىر رۇس تەبىئىي گازىنىڭ بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق گېرمانىيەگە ئەۋەتىلىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

لايىھەگە قارشى چىقىۋاتقان دۆلەتلەر، «شىمالىي ئېقىم 2» لايىھەسىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ بېقىندى قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر