ئامېرىكا نىگېرىيەدىكى ئەششەباب تەشكىلاتىغا زەربە بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسى سومالىدىكى ئەششاباب تەشكىلاتىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

1678307
ئامېرىكا نىگېرىيەدىكى ئەششەباب تەشكىلاتىغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون باياناتچىسى سىندى كىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پايتەخت موقدىشۇنىڭ تەخمىنەن 700 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا توغرا كېلىدىغان گالكايو رايونىدىكى ئەششەباب قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «ئەششەباب بىلەن سومالى كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەت سەۋەبىدىن ھۇجۇمدا كۆرۈلگەن زىياننى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى كۈتۈش ھالىتىدە تۇرماقتا، بىراق قوماندانلىقنىڭ دەسلەپكى مۇلاھىزىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ھەرقانداق بىر پۇقرا يارىلانمىغان ياكى ئۆلتۈرۈلمىگەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئامېرىكانىڭ ئافرىقا قوماندانلىق ئورگىنى بىلەن سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلىشىپ ئىشقا ئاشۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر