سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ ئاتالمىش «سۈرىيە دېموكراتىك كېڭىشى» ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1678210
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئاتالمىش «سۈرىيە دېموكراتىك كېڭىشى» ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى بولغان سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قول ئاستىدىكى ئاتالمىش ​​«سۈرىيە دېموكراتىك كېڭىشى» ئەزالىرىنىڭ فىرانسىيەدە پىرېزىدېنت ماكرون بىلەن كۆرۈشۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يازما بايانات ئېلان قىلدى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ي د نىڭ پ ك ك بىلەن ئورگانىك مۇناسىۋىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «فىرانسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ تېررورچى پ ي د قوراللىقلىرى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشۈشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ ۋە ئەندىشىگە سالىدۇ. پ ي د بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنىڭ يولىنى ئېچىش، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئېلان قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىلىتارىستلار سۈرىيە خەلقىگە قارشى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى. ئۆزىنى سۈرىيە خەلقىگە مەجبۇرلاپ تاڭغان بۇ مىلىتارىستلارنى ئېتىراپ قىلىش، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر