ياپونىيەدە 12 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش تەستىقلىنىدىغان بولدى

ياپونىيەدە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كوۋىد -19 مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئامېرىكا دورا شىركىتى مودېرنا ئىشلەپچىقارغان كوۋىد -19  ۋاكسىنىسىنىڭ 12 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئەملىنىشىنى تەستىقلايدىغان بولدى.

1677850
ياپونىيەدە 12 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش تەستىقلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىرلىقنىڭ ۋاكسىنا توغرىسىدىكى رەسمىي تەستىقىنىڭ مۇشۇ ئايدا ماقۇللىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتلىك ئىممۇنىتېتلاش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھەقسىز ۋاكسىنا تارقىتىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئامېرىكالىق ئىشلەپچىقارغۇچى «Pfizer » نىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى 12 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئەملەش ماي ئېيىدا رەسمىي تەستىقتىن ئۆتكەن ئىدى.

مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى يەنە، كوۋىد -19 غا قارشى «كاسىرىۋىماب» ۋە «ئىندېۋىماب» دەپ ئاتىلىدىغان ئاكتىپ ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان ئانتىتېلا كوكتېلنىمۇ تەستىقلىدى.

كوكتېل رەسمىي تەستىققا ئېرىشسە، «Remdesivir» ، «Steroid dexamethasone» ۋە «Baricitinib» تىن كېيىن ياپونىيەدە كوۋىد -19 غا قارشى تەستىقلانغان 4-دورا بولىدۇ.

ئانتىتېلا تەركىبى مۇئەييەن قۇرۇلمىنى تونۇپ ئۇنىڭغا چاپلىشىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر ئاقسىل بىر تۈرى ھېسابلىنىدىغان «casirivimab» ۋە «Indevimab» يەككە ئانتىتېلادىن تەركىب تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر