ئامېرىكادىكى ئوت ئاپىتىدە كۆلىمى نيۇ-يورك شەھىرىدىنمۇ چوڭ رايون كۆيۈپ كۈل بولدى

ئامېرىكا ئورىگون ئىشتاتىنىڭ بوتلېگ رايونى يېقىنقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

1677876
ئامېرىكادىكى ئوت ئاپىتىدە كۆلىمى نيۇ-يورك شەھىرىدىنمۇ چوڭ رايون كۆيۈپ كۈل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوتلېگ رايونىدا كۆلىمى نيۇ-يورك شەھىرىدىنمۇ چوڭ رايون كۆيۈپ كۈل بولدى، رايونىدا كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش داۋاملاشماقتا.

ئورىگون ئىشتاتىنىڭ بوتلېگ رايونىدا ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

قاتتىق ئىسسىق ۋە كېيىن چىققان كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولماي، بوتلېگ رايونىدا ئوت ئاپىتى 6-ئىيۇلدىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

رايون مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2000 دىن ئارتۇق كىشى رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان. بوتلېگ رايونىدىكى ئوت ئاپىتى ئامېرىكانىڭ غەربىدىكى 11 ئىشتاتتا داۋاملىشىۋاتقان 80 چوڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىكەن. 2100 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 5000 ئۆي تەھدىت ئاستىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر