ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقان پەيتتە، راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاندا پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنى ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقان پەيتتە، پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئەتراپىغا راكېتامىيوت ھۇجۇمى قىلىندى.

1677831
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقان پەيتتە، راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنتلىق سارىيى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرى جايلاشقان يېشىل رايونغا ئاز دېگەندە 3 راكېتامىيوت چۈشتى.  

راكېتامىيوت ھۇجۇمى ھۇجۇمى پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇۋاتقان پەتتە يۈز بەردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مىرۋارىس سىتانىكزايى، «ئافغانىستاننىڭ دۈشمەنلىرى كابۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا راكېتامىيوت ھۇجۇمى قىلدى. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈمىدى» دېدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن پىرېزىدېنت ئەشرەپ غەنى قۇربان ھېيت نۇتقىنى سۆزلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر