پاكىستاندىكى سۇ ئاپىتىدە2 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 4 كىشى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى ۋە ھادىسىلەردە 2 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 3 كىشى يارىلاندى.

1677870
پاكىستاندىكى سۇ ئاپىتىدە2 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 4 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەيبەر پاختونخۋا ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھەددىدىن زىيادە ھۆل-يېغىن كاراك ۋە ئاپپەر دىر رايونىدا كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى ۋە ھادىسىلەردە، كاراك ۋە ئاپپەر دىر رايونىدا 2 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 كىشى يارىلانغان.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر رايونلاردىكى ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان ۋە  نۇرغۇن دېھقانچىلىق يەرلىرى سۇ ئاستىدا قالغان.

كەلكۈن سەۋەبىدىن گاڭشال ۋە شەرىڭگال يېزىلىرىدا قاتناش توختاپ كەتكەن،

سۋات رايونىدا بولسا، نۇرغۇن ئۆي ۋە كارخانىلارنى سۇ بېسىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر