دائېش باغداتتا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا تۈنۈگۈن 30 كىشىنىڭ جۋنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1677722
دائېش باغداتتا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېرورلۇق تەشكىلاتىغا يېقىن تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت باغداتتىكى خەلق بازارىغا قىلىنغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمنى دائېشنىڭ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن پايتەخت باغداتتىكى خەلق بازارىدا ئىنسانلار ئىننتايىن زىچ بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 30 كىشى قازا قىلىپ، 60 كىشى يارىلانغان ئىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمىمۇ ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايونغا مەسئۇل قومانداننى قولغا ئېلىشقا ۋە ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشكە مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.


خەتكۈچ: #باغدات , #دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر