3 قېتىم سۇيىقەست تەشەببۇسىغا ئۇچرىدىم
ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا 3 – قېتىم سۇيىقەست تەشەببۇسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
1677483
ئىراق باش مىنىستىرى: 2020 – يىلى مايدىن بۇيان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان قازىمى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئائىت «‹ئەلھەدەس› تېلېۋىزىيەسى» گە بەرگەن باياناتىدا، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا 3 – قېتىم سۇيىقەست تەشەببۇسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ تەشەببۇسلارنىڭ قاچان ۋە كىملەر تەرىپىدىن بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «سۇيىقەست تەشەببۇسىغا ئۇچرىغانلىقىم ئۈچۈن ئەندىشىلىك ئەمەسمەن، چۈنكى مەن بۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايمەن. دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن پىلان بويىچە ۋەزىپە ئۆتەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.