ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرمەكچى بولغان يەھۇدىيلارغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى نۇرغۇن ساندىكى يەھۇدىي كۆچمەنلەر تەشكىللىگەن يۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى دەمەشىق دەرۋازىسى ئەتراپىنى پۈتۈنلەي تاقاپ قويدى.

1676933
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرمەكچى بولغان يەھۇدىيلارغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەھۇدىي كۆچمەنلەر «تىشا بېئاۋ» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ماتەم كۈنى بىلەن تەڭ بىرلا ۋاقىتتا دەمەشىق دەرۋازىسىدىن مەسجىدى ئەقسانىڭ غەربىي جەنۇبىي تېمى ھېسابلىنىدىغان بۇراك (يەنى يىغلاش) تېمىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا نامايىشتىن ئىلگىرى دەمەشىق دەرۋازىسى رايونىنى بىكارلاپ، بۇ يەرنى يېپىق ھەربىي رايون ئېلان قىلغان.

كەم دېگەندە 3 پەلەستىنلىكنى نازارەتكەن ئالغان ۋە ئۇلاردىن بىرىنى قاتتىق ئۇرغان ئىسرائىلىيە كۈچلىرى مەيداندىكى مۇخبىرلارغىمۇ مۇداخىلە قىلغان.

ئىسرائىلىيەلىك رادىكال يەھۇدىي تەشكىلاتلار ئاتالمىش ​​سۇلايمان ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ تاشلىنىشىنىڭ خاتىرە كۈنى دەپمۇ ئاتىۋېلىشقان ۋە «تىشا بېئاۋ» دەپ ئىسىم قويۇۋىلىشقان ماتەم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 18 - ئىيۇلدا مەسجىدى ئەقساغا ئومۇمىي يۈزلۈك بېسىپ كىرىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر