سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران قوللاۋاتقان تېررورچى گۇرۇپپىلار پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىدلىب يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان جايغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 ئايال ۋە 2 بالىنى قوشقاندا كەم دېگەندە 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1676904
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران قوللاۋاتقان تېررورچى گۇرۇپپىلار پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا مائاراتۇننۇمان ناھىيەسىدىكى ھەمىدىيە بازىسىدا تۇرۇشلۇق ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران قوللاۋاتقان چەتئەللىك تېرورلۇق گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان ھاكىمىيەت كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ ئىھسىم يېزىسىنى قۇرۇقلۇقتىن ئۇققا تۇتتى.

خەلقنى مۇداپىئە قىلىش (ئاق قالپاقلىقلار) ئەترىتىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 3 ئايال ۋە 2 بالىنى قوشقاندا كەم دېگەندە 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن پۇقرالار يارىلانغان.

خەلقنى مۇداپىئە قىلىش (ئاق قالپاقلىقلار) ئەترىتىنىڭ نەق مەيداندىكى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

تۈنۈگۈن ھاكىمىيەت قىسىملىرىنىڭ سىرجە كەنتىگە قىلغان ھۇجۇمىدىمۇ، 3 كىچىك بالا ۋە 1 نەپەر خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترەتى ئەزاسىنى قوشقاندا  جەمئىي6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر